باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ 100 كۈنلۈك يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىدۇ

2016.11.23 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى دونالىد ترامپ 21-نويابىر، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 100 كۈن ئىچىدە يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى(TPP)دىن چېكىنىش مۇددىئانامىسى باياناتى ئېلان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدە مۇنداق دېگەن: مەن تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى(TPP)دىن چېكىنىش مۇددىئانامىسى باياناتى ئىمزالايمەن، بۇ كېلىشىم دۆلىتىمىزدىكى يوشۇرۇن ئاپەت.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىز كېڭىشىپ ئادىل بولغان ئىككى تەرەپ سودا كېلىشىمى بېكىتىپ، خىزمەت ئورنى ۋە سانائەتنى قايتىدىن ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىمىز.

  ئۇنىڭدىن باشقا، ترامپ يەنە ئېنېرگىيە، دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى، قانۇنسىز كۆچمەن قاتارلىق مەسىلىلەردە ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى كېمەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، سىلانېتس گازى ۋە پاكىز كۆمۈر كارخانىلىرىنىڭ چەكلىمىلىرىنى ئازايتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن ئومۇميۈزلۈك دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى سىياسىتى تۈزۈپ، ۋىزا سىياسىتىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  ترامپ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىدىن بىرنى يولغا قويسا، چوقۇم كونا قانۇن-بەلگىلىمىدىن ئىككىنى بىكار قىلىشى كېرەك.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ۋاشىنگتوننىڭ سىياسىي مۇھىتىنى پاكىزلاش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت خىزمىتى قىلىدىغان ھەر قانداق ئەمەلدارنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ بەش يىلنىڭ ئىچىدە مەنپەئەت كارخانىلىرىغا مەسلىھەت بېرىشىگە، ئۆمۈر بويى چەت ئەل ھۆكۈمىتىگە مەسلىھەت بېرىشىگە بولمايدۇ.

  ترامپ بۇ يىل 9-ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى، ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۆمىكى قۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتىدۇ. ئۇ كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر