باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىر ئالىي ئەرز سوت مەھكىمىسى سابىق زوڭتوڭ مۇرسىنى ئۆمۈرلۈك قاماش ھۆكۈمىنى بىكار قىلدى

2016.11.23 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر ئالىي كېسىم سوت مەھكىمىسى 22-نويابىر كېسىم چىقىرىپ، بۇنىڭدىن بۇرۇن مىسىرنىڭ سابىق زوڭتوڭى مۇرسىنىڭ جاسۇسلۇق دېلوسىغا چىقىرىلغان ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ھۆكۈمىنى بىكار قىلدى ھەمدە بۇ دېلوغا قايتا قاراپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مىسىرنىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇسى «پىرامىدا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ كېسىم يەنە مۇرسى بىلەن بىر يولدىكى باشقا 21 نەپەر جاۋابكارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە مىسىر ھۆكۈمەت تەرەپ تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەڭ ئالىي قارار چىقىرىش ئورگىنى بولغان يېتەكچىلىك ئىدارىسىنىڭ سابىق رەئىسى مۇھەممەد بادىيا قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.

  2015-يىلى 6-ئايدا، مۇرسى پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش تەشكىلاتى (خاماس)، لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى ۋە ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئەترىتىگە مەخپىي ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىپ، جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن مىسىر سوت مەھكىمىسى ئۇنى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

  بۇ ئاينىڭ 15-كۈنى، مىسىر ئالىي ئەرز سوت مەھكىمىسى مۇرسىنىڭ 2011-يىلىدىكى تۈرمىدىن قېچىش دېلوسىغا چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنى بىكار قىلغان ئىدى.

  مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىدىن چىققان مۇرسى 2012-يىلى مىسىرنىڭ تۇنجى خەلق سايلىغان زوڭتوڭى بولغان، بىر يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، زور كۆلەمدىكى ئاممىنىڭ نامايىش قىلىشىدا مىسىر ھەربىي تەرەپ ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان. مۇرسى يەنە نامايىشچىلارنى قانۇنسىز قاماش ۋە زوراۋانلىق بىلەن باستۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئەيىبلەشلەر سەۋەبلىك جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر