باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭدا 20 مىليون شياڭگاڭ پۇلى قىممىتىدىكى ئالتۇن بۇلاپ كېتىلدى

2016.11.23 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭدىكى فېنلىڭ-شاڭشۇي بىخەتەرلىك كوچىسىدا 22-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بىر بۇلاڭچىلىق دېلوسى يۈز بەردى، پىچاقلىق نۇرغۇن كىشى بىر ئەرگە نامەلۇم سۇيۇقلۇقنى چېچىپ، يولىنى توسۇپ بۇلاڭچىلىق قىلىپ، تەخمىنەن 20 مىليون شياڭگاڭ پۇلى قىممىتىدىكى بىر تۈركۈم ئالتۇنلارنى بۇلاپ كەتتى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزلاردا، بىر خۇسۇسىي ماشىنىغا ئولتۇرغا تۆت جىنايەت گۇماندارى بىر سانائەت بىناسى سىرتىدا بۇ ئەرنىڭ يۈك ماشىنىسىنى توسقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ جىنايەت گۇماندارى پىچاق كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا نامەلۇم سۇيۇقلۇقنى چاچقان، ئارقىدىن ماشىنىدىكى بىر تۈركۈم ئالتۇنلارنى بۇلاپ، ئۆزىنىڭ ماشىنىسىدا قېچىپ كەتكەن. ساقچىلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن نەقمەيدانغا يېتىپ كېلىپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بۇلانغان يۈك ماشىنىسى شوپۇرىغا جىنايەت گۇماندارلىرى قارىمۇچ پۈركۈمىسى چاچقاندىن كېيىن، 60 تالدىن ئارتۇق كېسەك ئالتۇننى بۇلاپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر