باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى بۇ يىل ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن

2016.11.23 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ماۋ چۈنئەن 22-نويابىر مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھازىرغىچە 20 نەچچە شەھەردە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چەكمەسلىك قانۇن-بەلگىلىمىسى تۈزدى، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى قانۇن چىقىرىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن.

  ماۋ چۈنئەن شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك دۇنيا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش، تاماكىنىڭ ئىنسانلارغا بولغان زىيىنىنى ئازايتىش ___ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق تونۇشى شۇنداقلا ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش.

  ئىگىلىنىشچە، شاڭخەي شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش نىزامى»نى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىغان. شاڭخەي شەھىرى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى كونترول قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىكەن، ئۆي ئىچى ئاممىۋى سورۇنى، ئۆي ئىچى خىزمەت ئورنى، ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىدا تاماكا چېكىش چەكلىنىدىكەن. بۇ تەدبىر دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى چېنفېڭ فۇجېننىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر