خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11-ئاينىڭ 21-كۈنى لىمادا پېرۇ زۇڭتۇڭى كۇسزىنسكى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لانگې بىلەن بىللە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىيەت ئالاقىسى يىلى پائالىيىتىنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئارىلىقىمىز يىراق بولسىمۇ قەلبىمىز بىرتۇتاش−−جۇڭگو ئەتىۋارلىق بۇيۇملار كۆرگەزمىسى» نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن پېرۇ دۆلەتلىك ئارخېئولوگىيەلىك ئىنسانشۇناسلىق تارىخىي مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، كۇسزىنسكى ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىرلىكتە پائالىيەتنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان زالغا بېرىش سەپىرىدە «مەدەنىيەت مۇساپىسى −− جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىيەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش» باش تېمىسىدىكى فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىنى كۆردى ھەم جۇڭگو مەركىزىي مىللەتلەر مۇزىكا ئۆمىكى بىلەن پېرۇ مىللىي مۇزىكا ئەترىتى بىرلىكتە ئورۇنلىغان جۇڭگو خەلق ناخشىسى «يىمېڭ تاغ ناخشىسى» ۋە پېرۇ خەلق ناخشىسى «لاچىن قوشىقى» دىن ھۇزۇرلاندى.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئاياغلىشىش مۇراسىمىدا ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن 2014-يىلى 7-ئايدا لاتىن ئامېرىكىسىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، 2016-يىلى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مەدەنىيەت ئالاقىسى يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشكەن. جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت-سەنئىتى خۇددى ئىككى تەرەپ زېمىنىدا پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلگە ئوخشايدۇ، جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىشى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى