باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇنيا بويىچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ «ھاياتىنى قۇتقۇزىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى» بويىچە داۋالانغانلارنىڭ سانى قاتلاندى

2016.11.23 15:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى 21- نويابىر دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: 2016- يىلى 6- ئايغىچە، دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 18 مىليون 200مىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار تەتۈر خاتىرىلىگۈچى ۋىرۇسقا قارىشى دورىلار بىلەن داۋالاندى، «جاننى قۇتقۇزىدىغان داۋالاش ئۇسۇلى»غا ئېرىشكەن بۇ خىل بىمارلارنىڭ سانى 2010- يىلىدىكىدىن تەخمىنەن بىر ھەسسىدەك ئاشتى.

  12- ئاينىڭ 1- كۈنى دۇنيا ئەيدىز كۈنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭدا دۇنيا بويىچە بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر، ياش قۇرامىغا يەتكەنلەر، ياشانغانلار (50 ياشتىن يۇقىرى) ۋە زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ سالىدىغانلار، جىنسداشلار مۇھەببىتى، پاھىشە ۋە جىنس ئۆزگەرتكۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى خەتەرلىك كىشىلەر توپى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان خەۋپ-خەتىرى ۋە داۋالانغان ئەڭ يېڭى ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىپ خۇلاسە قىلدى. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە: تەتۈر خاتىرىلىگۈچى ۋىرۇسقا قارىشى دورىلار بىلەن داۋالاش ئۇسۇلى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى تېخىمۇ ئۇزۇن ياشاشقا ياردەم قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر