باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى ئۆلچىمىنى يارىتىپ، تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقى ئېچىشنى تەكىتلىدى

2016.11.24 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شاڭخەي ئەركىن سودا تەجرىبە رايونىغا ئۇدا تۆتىنچى يىلى بېرىپ، 21-نويابىردىن 22-نويابىرغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خەن جېڭ ۋە شەھەر باشلىقى ياڭ شيۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى.

  لى كېچياڭ پۇدۇڭ يېڭى تەرەققىيات رايونى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىغا بېرىپ، سودا-سانائەت، سۈپەت، يېمەكلىك-دورا ۋە باھا قاتارلىق «تۆتنى بىرلەشتۈرگەن» ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، تارماقلارنىڭ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇشنى توردا تەكشۈرۈش تۈزۈمى لايىھەسى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئىش جەريانىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە تەكشۈرۈش شەكلىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىشنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى ماختىدى. لى كېچياڭ يەنە «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئېلان قىلىش» سىستېمىسى ئارقىلىق، نەق مەيداندا يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى ۋە تەكشۈرۈش خادىملىرىنى قانداق ئىختىيارىي تاللىغانلىقىنى تەكشۈردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئىسلاھات ئاددىي نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنىڭ بىرلەشتۈرىلىشى بولماستىن، بەلكى بازارنى تازىلاش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتۇر. بۇ ھەم ئادەمگە، ھەم تۈزۈلمە كۈچىگە تايىنىدۇ. جامائەت تەلىپىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇچۇر سۇپىسىدا، لى كېچياڭ ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش، ئاممىنىڭ ئەرزىگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، بازار تەرتىپىنى قوغداشتا قوللانغان تەدبىرلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە شارائىت ھازىرلاپلا قالماي، يەنە ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى سۇپىسىنى ياخشىلاپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئىجادچانلىقى ۋ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىدۇ. داۋاملىق پائال ئىزدىنىپ، كۆپەيتىشكە ۋە كېڭەيتىشكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر