باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشتى

2016.11.24 15:46   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى سانتىياگودا چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى جۇڭگو – چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو – چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: لاتىن ئامېرىكىسىدا «ھەقىقىي دوست دۇنيانىڭ ئۇ قېتىدا تۇرۇپمۇ كۆڭلىڭىزدىكىنى تاپالايدۇ» دېگەن ماقال بار. جۇڭگو بىلەن چىلى دەل مۇشۇنداق ياخشى دوست. ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، ئوي-پىكىرلىرى بىر يەردىن چىقىدىغان بولۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى تارىخىدا كۆپ تۈردە «بىرىنچى»لىكنى ياراتتى. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالدى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقى كۈندىن-كۈنگە قويۇقلاشقاچقا، جۇڭگو-چىلى مۇناسىۋىتى پىشىپ يېتىلىپ مۇقىملاشقان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. جۇڭگو بىلەن چىلى تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگو-چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پائال ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو-چىلى مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017-يىللىق گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا كەسىپلىرىنىڭ ئىمتىھان ۋاقتى ئېلان قىلىندى
    ·چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھان نەتىجىسى 18- نويابىر ئېلان قىلىندى 
    ·جۇڭگو-قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىگە كەلگەن يولۇچىلار بۇ يىل 4 مىليون 240 مىڭ…
    ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرىستېتىدا ئىنستىتۇت، فاكۇلتېت مەمۇرىي رەھبەرلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى بىكار قىلىش سىن…
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەۋسۇملۇق ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·ئۆزبىكىستاندا بىرىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مېۋە-چىۋە ۋە كۆكتات يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: پەن-تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ م…
    ·لى كېچياڭ قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى باشلىدى
    ·ئۈچ مىنىسىتىرلىق كومىتېت «مائارىپ خىراجىتىنى ئىستاتىستىكا قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە كۈچەي…
    ·جۇڭگونىڭ قىرغىزىستاندىكى باش ئەلچىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى باھا بەردى