باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلارنىڭ يىللىق مەلۇماتىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىلەن ئىستاتىستىكا ئىشلىرى قوشۇلىدۇ

2016.11.24 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ يىللىق مەلۇماتىغا ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىلەن ئىستاتىستىكا ئىشلىرىنى قوشۇشنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن: كارخانىلار 2016-يىلدىن باشلاپ كارخانا كىرېدىت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسىغا يىللىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى يوللىغاندا، «كارخانا ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ۋاقىتلىق نىزامى»دا بەلگىلەنگەن ئىشلارغا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار قوشۇلىدۇ. بىرىنچى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىشلىرى: قاتناشقان سۇغۇرتا تۈرى، ئىش ئورنىدىن سۇغۇرتىلانغانلارنىڭ سانى، ئىش ئورنىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئاساسى سانى، شۇ مەزگىلدە ئەمەلىي تۆلىگەن ھەق سوممىسى، ئىش ئورنىنىڭ جەمئىي قەرز سوممىسى. ئىككىنچى، ئىستاتىستىكا ئىشلىرى: ئاساسىي تىجارەت كەسپى پائالىيىتى، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ سانى، كارخانىنىڭ پاي كونترول قىلىش ئەھۋالى(شۆبە-تارماق ئاپپاراتلار تولدۇرۇلمايدۇ)، شۆبە-تارماق ئاپپاراتلار قاراشلىق ئانا شىركەتنىڭ بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كودى(پەقەت شۆبە-تارماق ئاپپاراتلار تولدۇرىدۇ).

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر