باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەكەن ناھىيەسىدە 3000 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدۇ

2016.11.24 14:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسى ئاشكارا ھالدا 3000 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدۇ، تىزىملىتىش ۋاقتى 25-نويابىردىن 25-دېكابىرغىچە، خالايدىغانلار قەشقەر ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى تور بېتىگە كىرىپ تىزىملاتسا بولىدۇ.

  23- نويابىر، مۇخبىر يەكەن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ مەقسىتى ئاساسلىقى يەكەن ناھىيەسىنىڭ بالىلار مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىكەن.

  تەكلىپ قىلىنىدىغان خادىملارنىڭ نوپۇسى، جىنسى، مىللىتى چەكلەنمەيدىكەن؛ 2015-، 2016-، 2017-يىلى ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپ، ئالىي تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئىش ئورنى شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى تىزىملاتسا بولىدىكەن، بالىلار مائارىپى كەسپى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلارغا قويۇلىدىغان شەرت قويۇۋېتىلىدىكەن، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولسىمۇ بولىدىكەن. ئاخىرىدا، تەكلىپ قىلىنغان خادىملار يەكەن ناھىيەسى تەكلىپ قىلغان كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىمى بولۇپ ناھىيە مالىيەسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مۇشۇ ناھىيەنىڭ مائارىپ سىستېمىسى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ مائاش ئۆلچىمى بويىچە ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىكەن ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر