باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى راسچوت قىلىشقا بولىدىغان ئۆلكە، شەھەر 10غا كۆپىيىدۇ

2016.11.24 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېنسىيەگە چىققان خادىملاردىن باشقا جايغا يۆتكىلىپ داۋالىنىش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار شاڭخەي، نىڭشيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 ئۆلكە، شەھەرگە بېرىپ داۋالانسا، باشقا جايدا داۋالانغان دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز شەنشى، خەينەن، سىچۈەن، چۇڭچىڭ، جىلىن، جېجياڭ، گۇاڭدۇڭ، يۈننەن قاتارلىق سەككىز ئۆلكە، شەھەر بىلەن باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى تورلاشتۇرۇپ راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر بىلەن بولغان شەھەر ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش پۇلىنى ۋاقتىدا راسچوت قىلىش سىستېمىسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئىجتىمائىي كاپالەت كارتىسىغا ئىگە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار پەقەت ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كارتىسى بولسىلا، دوختۇرخانىدا يېتىش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق باشقا جايدا داۋالىنىش پۇلىنى ۋاقتىدا راسچوت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىچكىرىگە بېرىپ داۋالىنىشىغا ئىنتايىن زور قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر