باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئورگانلىرى «ئىزۇباۋ» دىلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ، ھارام پۇللارنى قايتۇرۇپ كېلىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى

نۆۋەتتە دېلوغا چېتىشلىق 10 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق قىممىتىدىكى مۈلۈك قايتۇرۇپ كېلىندى

2016.11.24 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقى بىلەن، بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ بېجىرگەن «ئىزۇباۋ» دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش 2016-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاياغلاشقان، دىڭ نىڭ قاتارلىق 26 جىنايەت گۇماندارى مەبلەغ توپلاش، ئالدامچىلىق قىلىش، جامائەت ئامانەت پۇلىنى قانۇنسىز يىغىش قاتارلىق جىنايەت بىلەن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش، شىكايەت قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.

  تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىشىچە، 2014-يىلى 7- ئايدىن بۇيان، جىنايەت گۇماندارى دىڭ نىڭ، جاڭ مىن، دىڭ ديەن قاتارلىقلار ئەنخۇي يۈچېڭ مەبلەغ كىرگۈزۈش، ئىجارە چەكلىك شىركىتى، جىنيىروڭ (بېيجىڭ) تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، ئەنشىن خۇيشىن پۇل مۇئامىلە ئۇچۇر مۇلازىمەت (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتى قاتارلىق «يۈچېڭ يۈرۈشلۈكى» شىركەتلىرى ۋە «ئىزۇباۋ» تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، جىنايەت گۇماندارلىرى پېڭ لى، يوڭ لېي قاتارلىقلار بىلەن شېرىكلىشىپ مەبلەغ كىرگۈزۈش، ئىجارە تۈرلىرىنىڭ ھەقدارلىقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئارقىلىق يۇقىرى ئۆسۈم تۆلەشنى يەمچۈك قىلىپ مەبلەغ قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن، ساختا مەبلەغ كىرگۈزۈش تۈرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، چېتىشلىق كىشى 900 مىڭدىن، سوممىسى 58 مىليارد يۈەندىن ئاشقان، ھازىرغىچە دېلودىكى نەقلەشتۈرۈلمىگەن سومما 27 مىليارد يۈەنگە يېقىن بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر