23-نويابىر، شېنجېن قاتناش ساقچىلىرى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنىڭ نۇسخىسىنى كۆرسەتمەكتە.
ج خ مىنىستىرلىقى 2016-يىلى 1-دېكابىردىن باشلاپ شاڭخەي، نەنجىڭ، ۋۇيى، جىنەن، شېنجېن قاتارلىق بەش شەھەردە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ مەخسۇس نومۇر تاختىسىنى سىناق ئىشلىتىشنى يولغا قويدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى يېشىل رەڭنى ئاساسىي رەڭ قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنىڭ رەڭگى تەدرىجىي ئۆزگەرگەن يېشىل رەڭ، چوڭ تىپتىكى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنىڭ رەڭگى سېرىق، يېشىل ئىككى خىل رەڭنىڭ بىرىكىشى ئىكەن.