خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-نويابىر، جاڭ لىشىڭ مۇئەللىم (ئوڭدىن بىرىنچى كىشى) شىنجاڭلىق كەشتىچى قىزلارغا نىلۇفەر گۈلى كەشتىلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىتىنى سۆزلەپ بەرمەكتە. شۇ كۈنى، شىنجاڭنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن 12 كەشتىچى قىز سۇجۇنىڭ لۇفۇيىڭ كەشتىچىلىك بويىچە تەربىيەلەش مەكتىپىدىكى بىر ھەپتىلىك تەربىيەلىنىشنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇلار سۇجۇ كەشتىسىنىڭ ئىنچىكە كەشتىلەش ئۇسۇلى بىلەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك كەشتىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي كەشتىچىلىكىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى. لۇفۇيىڭ كەشتىچىلىك تەربىيەلەش مەكتىپى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن كەشتىچىلىك ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ كەشتىچىلىك مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئۇزاق مۇددەتلىك ياردەم بېرىشنى پىلانلاپ، كەشتىچىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى