باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

جۇڭگو پاسپورتىنىڭ قىممىتى ئاشماقتا

جۇڭگوغا قارىتا «ئون يىللىق ۋىزا» بېجىرىدىغان دۆلەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى

2016.11.28 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا، كانادا، سىنگاپور، كورېيە، ياپونىيە ۋە ئىسرائىلىيەدىن كېيىن، ئاۋسترالىيەمۇ جۇڭگوغا قارىتا «ئون يىللىق ۋىزا» سىياسىتىنى يولغا قويدى، بىر قېتىم ۋىزا بېجىرسەك، ئون يىلغىچە ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى، ۋاقىتنى، پۇلنى تېجەپ، خالىغانچە سەپەر قىلالايدىغان، قايتا-قايتا ۋىزا بېجىرىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان بولدۇق.

  ئاۋسترالىيە يېقىندا يېڭى سىياسەت ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيەگە كېلىپ، ساياھەت ۋە سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جۇڭگولۇقلارغا ئون يىللىق كۆپ قېتىملىق ۋىزا سىياسىتىنى يولغا قويدى، ئاۋسترالىيەنىڭ ۋىزىسى بار جۇڭگو پۇقرالىرى ئون يىللىق ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئىچىدە كۆپ قېتىم ئاۋسترالىيەگە بېرىپ كەلسە بولىدۇ، ھەر قېتىم ئاۋسترالىيە چېگراسى ئىچىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا 90 كۈن تۇرالايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگودىن چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى ۋە ئىستېمال سەۋىيەسى كۈنسىرى ئاشتى. 2015- يىلى، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى 117 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى، ساياھەت خىراجىتى 104 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى، بۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالدىنقى يىلدىكىدىن %9.0 ۋە %16.6 ئاشتى. بۇ خىل ئەھۋالدا، نۇرغۇن دۆلەتلەر بەس-بەستە جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ۋىزا ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويدى. تۆۋەندە جۇڭگوغا ۋىزا ئېتىبار سىياسىتىنى يولغا قويغان دۆلەتلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

  بىرىنچى، ئامېرىكا

  2014- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئامېرىكا سودا ۋە ساياھەت (B1/B2) قىسقا مۇددەتلىك ۋىزا ئىلتىماس قىلغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا رەسمىي ھالدا ئون يىللىق ئىناۋەتلىك كۆپ قېتىم كىرىپ چىقىشقا بولىدىغان ۋىزا تارقىتىشنى باشلىدى.

  جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا سودا ۋە ساياھەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەنە بىر تەرەپ پۇقراسىغا ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئون يىللىق كۆپ قېتىم بېرىپ كېلىشكە بولىدىغان چېگرادىن كىرىش ۋىزىسى تارقىتىپ، ئوقۇشقا بارىدىغان پۇقرالارغا ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بەش يىللىق كۆپ قېتىم كىرىپ چىقىشقا بولىدىغان ۋىزا تارقىتىشنى باشلىدى.

  ئىككىنچى، كانادا

  2015- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو ۋە كانادا ئۆز ئارا ئىناۋەتلىك مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئون يىللىق ۋىزىنى رەسمىي تارقاتتى.

  كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ساياھەت، سودا ۋە تۇغقان يوقلاش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان يەنە بىر دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا كۆپ قېتىم كىرىپ چىقىشقا بولىدىغان، ئۈنۈملۈك مۇددىتى ئون يىلغا يېتىدىغان، پاسپورتنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان مۇناسىپ تۈردىكى ۋىزىنى تارقىتىدۇ.

  ئۈچىنچى: سىنگاپور

  2015- يىلى 6- ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ، سىنگاپور شەرتكە چۈشىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرىغا ئۈنۈملۈك ۋاقتى 10 يىللىق، كۆپ قېتىم كىرىپ چىقىشقا بولىدىغان ۋىزا تارقىتىشنى باشلىدى.

  ئەگەر ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچى 10 يىللىق، كۆپ قېتىم كىرىپ چىقىشقا بولىدىغان ۋىزىغا ئېرىشەلىسە، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ھەمراھى ۋە 21 ياشتىن تۆۋەن پەرزەنتلىرىمۇ ئوخشاش بولغان ۋىزا مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

  تۆتىنچى: كورېيە

  2016- يىلى 1- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن باشلاپ، كورېيە جۇڭگودىكى ئادۋوكات، ئالىي مەكتەپ پروفېسسورى، شىركەت-كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىق مەخسۇس كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ياكى ماگېستىردىن يۇقىرى ئالىي ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلارغا قارىتا، تۇنجى قېتىم 10 يىل ئىناۋەتلىك ۋىزا سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇنىڭدىن باشقا. ۋىزا ئېلىشتىكى ياش چەكلىمىسىمۇ ئەسلىدىكى 60 ياشتىن يۇقىرى بولۇشتىن 55 ياشتىن يۇقىرى بولۇشقا چۈشۈرۈلدى، بىر قېتىم چېگرادىن كىرگەندە تۇرۇپ قېلىش مۇددىتى ئەسلىدىكى 30 كۈندىن 60 كۈنگە ئۇزارتىلدى.

  بەشىنچى: ياپونىيە

  2016- يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن باشلاپ، ياپونىيە جۇڭگولۇقلارنىڭ ياپونىيەگە بېرىشتىكى ۋىزا سىياسىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى: جۇڭگونىڭ سودا ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ساھەسىدىكى ياپونىيەدە زىيارەتتە بولىدىغان كۆپ قېتىم بېرىپ كېلىدىغان خادىملارنىڭ ۋىزىسىغا قارىتا، ئۈنۈملۈك ۋاقتى بەش يىلدىن ئون يىلغا ئۇزارتىلدى؛ جۇڭگو مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاستە قاراشلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى تولۇق كۇرس ۋە ئاسپرانتلار ۋە بۇ مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ۋاقتى ئۈچ يىل ئىچىدە بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ياپونىيەگە بېرىش ۋىزىسىنىڭ رەسمىيەتلىرىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلدى.

  ئالتىنچى: ئىسرائىلىيە

  2016- يىلى 11- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ ئون يىللىق، كۆپ قېتىم بېرىپ كېلىش ۋىزىسى كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، جۇڭگو ۋە ئىسرائىلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بار پۇقرالىرى ئۈنۈملۈك ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 10 يىلغا يېتىدىغان، بىراق پاسپورتنىڭ ئۈنۈملۈك مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمەيدىغان ۋىزا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، بۇ ۋىزا بىلەن كۆپ قېتىم يەنە بىر دۆلەتكە بېرىشقا بولىدۇ، ھەر قېتىملىق تۇرۇش ۋاقتى 90 كۈنگە يېتىدۇ.

  ئون يىللىق ۋىزىنىڭ پاراۋانلىقى كۆپ

  بىر قېتىم ۋىزا بىجىرسە، ئون يىل ئىشلەتكىلى بولىدۇ، «ئون يىللىق ۋىزا» قايتا-قايتا ۋىزا بىجىرىش رەسمىيىتى ھەققى ۋە ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلىنىپلا قالماي، يەنە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگىمۇ بۇنىڭ بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  ئامېرىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ۋىزىسى بار بولسا، يەنە ئارگېنتىنا، كۇبا، گوللاندىيەگە تەۋە كارب دېڭىزى رايونى، تۈركىيە، سېربىيە قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا ۋاقتى ئوخشاش بولمىغان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىش پاراۋانلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. يەنە كانادا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ۋىزىلىرى بىلەنمۇ نۇرغۇن جايلاردا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر