باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن

مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر

(2016-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى)

2016.11.28 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئۇل تېشى، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئىقتىساد سۇبيېكتىنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئېلىمىز تەۋەلىكى ئېنىق، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، باشقۇرۇشى قاتتىق، ئوبوروتى راۋان بولغان زامانىۋى مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ۋە مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قانۇن رامكىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، قوغداش سالمىقى ئاشتى. لېكىن شۇنى تونۇپ يېتىش كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىشىدا يەنىلا قىسمەن ئاجىز ھالقا ۋە مەسىلىلەر ساقلانماقتا: دۆلەت ئىلىكىدىكى مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچى بىلەن ۋاكالەتلىك قىلغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئېنىق بولمىغاچقا، ئىچكى قىسىمدىكىلەر كونترول قىلىش، باغلىنىشلىق سودا قاتارلىق دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىشى؛ ئومۇمىي ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرز قىلىش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ مۈلكىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش ۋە توڭلىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ پات-پات يۈز بېرىشى؛ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ يېتەرلىك بولماي، ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش ئىشلىرىنىڭ ئاسان، كۆپ يۈز بېرىشى ۋەھاكازالار. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن چوقۇم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادىي تەشكىلات ۋە پۇقرالارنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك قوغداپ، ئاممىنىڭ مال-مۈلۈك، بايلىققا بولغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئىجتىمائىي ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ساقلاش كېرەك. مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر