باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تارىخىي تەرەققىيات يۆنىلىشىدە تۇرۇپ، كۈچلۈك دەۋر ساداسىنى ياڭرىتايلى

___ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېكۋادور، پېرۇ، چىلىدا زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 24-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشقانلىقى ھەققىدە سۆزلىدى

2016.11.25 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17-نويابىردىن 23-نويابىرغىچە، ئېكۋادور، پېرۇ، چىلىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى(APEC)نىڭ 24-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى. زىيارەت ئاخىرلىشىش ئالدىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى مۇخبىرلارغا بۇ قېتىملىق زىيارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق زىيارەت جۇڭگونىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ۋە لاتىن ئامېرىكىسىغا يۈزلەنگەن بىر قېتىملىق مۇھىم دىپلوماتىيە ھەرىكىتى. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئېلىمىزنىڭ ھايات كەچۈرىدىغان ئورنى، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنىڭ ئاساسى، لاتىن ئامېرىكىسى ئېلىمىزنىڭ ئوكيان ئايرىپ تۇرىدىغان قەلبداش «قوشنىسى». رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئورتاق پىلانلاش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق ئارزۇسىنى ئورتاق كېڭىشىش، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ئۈچۈن APEC يىغىنىغا قاتناشتى. لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئۈچ دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى كۆرۈشكە ئېتىبار بېرىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭراتتى. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دىپلوماتىيە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىگىلەپ، ھەمكارلىق كۆۋرۈكى بىلەن ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىدىغان جۇڭگو ئارزۇسى، لاتىن ئامېرىكىسى ئارزۇسى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئارزۇسىنى باغلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يېڭى ئەمەلىيىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيەسىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى.

  زىيارەت جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئون نەچچە مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، قوش تەرەپ، كۆپ تەرەپ مۇناسىۋىتىنى تەڭ ئېلىپ بېرىپ، سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت جەھەتلەردە بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈردى، زىيارەت مول مەزمۇنلۇق، يارقىن نۇقتىسى گەۋدىلىك، مول نەتىجىلىك بولدى. دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى جامائەت پىكرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتىپ، ھەممىسى بىردەك بۇ قېتىملىق زىيارەتنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ۋە جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ۋە خەلقئارا ئەندىزىنى ئۆزگەرتىشكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر