- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خوتەن ۋە ئالتاينىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ℃29.2 بولدى
2016.11.24 13:51 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
21-نويابىر سەھەردە ئالتاي شەھىرىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃29.9-، خوتەن شەھىرىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃0.7-بولۇپ، بۇ ئىككى جاي ئوتتۇرىسىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقى ℃29.9-بولدى.
شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا 21-نويابىر سەھەردە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا كۆرۈلدى. مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃ 16-، ئالتاي شەھىرىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃ 29.9-، كۆكتوقاي ۋە چىڭگىل ناھىيەسىدە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ئايرىم ھالدا ℃30.3- ۋە ℃31.5- بولدى.
جەنۇبىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ، كورلىنىڭ ئەتىگەندىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃1.1-، يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃4.2 بولغان. شىنجاڭنىڭ يەنىمۇ جەنۇبى بولغان خوتەن شەھىرىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃0.7-بولغان. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شىمالىي شىنجاڭ بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق كۆرۈلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر