باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى ئالتاي ۋىلايىتى ۋە لوپنۇر ناھىيەسىدە تەشۋىقات ئېلىپ باردى

2016.11.25 16:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ «ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلىش - دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئالتاي ۋىلايىتى ۋە لوپنۇر ناھىيەسىدە تەشۋىقات ئېلىپ باردى. ئالتاي ۋىلايىتى ۋە لوپنۇر ناھىيەسىدىكى تۆت يۈرۈش بەنزىنىڭ رەھبەرلىرى، ئورگان كادىرلىرى، پېشقەدەم كادىرلار، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، شۇ جايدا تۇرۇشلۇق قىسىم ۋەكىللىرى، تەشۋىقات تايانچلىرى ۋە كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى تەشۋىقاتنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خىزىركەلدى ئابدۇراخمان، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋەلى بارات ئالتايدا قازاق تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ خۇڭجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كۆزەتكۈچىسى، مائارىپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىراجىدىن ئابلا لوپنۇر ناھىيەسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا تەشۋىقات ئېلىپ باردى.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر، ئوبرازلىق شەرھلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەھلىل قىلدى؛ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش باش نىشانىنى چۆرىدىگەن ئاساستا، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك يېتەكچىلىك رولىنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم لېكتورلار ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ باۋلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەشۋىقات يىغىن روھىنى ئومۇميۈزلۈك توغرا ئىگىلەپ، تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمدە يېتەكچى بولدى. مەن بۇلارنى ئاساسىي قاتلام تەشۋىقات خىزمىتىدە تولۇق قوللىنىپ، يىغىننىڭ روھىنى ئاممىغا ئەينەن، تولۇق يەتكۈزىمەن.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ كادىرى دىلنۇر مۇنداق دېدى: 6 - ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش قېلىپلاشتۇرۇلدى، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، بولۇپمۇ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ياخشى باشقۇرۇش تەلەپ قىلىندى. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن خىزمەتتە ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە ئاساسىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن.

  لوپنۇر ناھىيەسى ئىتتىپاق بازىرىنىڭ باشلىقى چېن فاڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغۇچى، چۈشەندۈرگۈچى، ئاممىنى يېتەكلىگۈچى بولىمەن.

  لوپنۇر ناھىيەسىدىكى دېھقان تەشۋىقاتچى ئەلى ئەمەت مۇنداق دېدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن يىغىننىڭ روھىنى ھەر مىللەت ئاممىغا يەتكۈزىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر