باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكا كېلەر يىلى ئىككى تۈرلۈك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى توختىتىدۇ

2016.11.25 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن ئارمىيە دائىرىلىرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان «ئۇرۇش تەييارلىقى ۋە مەشىق ھەمكارلىقى» ۋە « فىلىپپىننىڭ ھەم يەردىن ھەم سۇدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش مانېۋىرى»دىن ئىبارەت زېمىن مۇداپىئە مەشىقىگە چېتىلىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ئەمدى ئۆتكۈزمەيمىز، لېكىن كېلەر يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن جەمئىي 258 قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىمىز، بۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بۇ يىلقىدىن بەش قېتىم ئاز بولىدۇ.

  فىلىپپىن ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ باياناتچىسى پادىلىيا: 258 قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر بىر قانچە ئەسكەر قاتناشقان كىچىك تىپتىكى مەشىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېدى.

  فىلىپپىن قوراللىق قىسىمنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى رىكاردو ۋېسايا مۇنداق دېدى: بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى ئازايتىش قارارى فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتتېرتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن چىقىرىلغان. دۇتتېرت ئىلگىرى «فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى ۋە ئامېرىكىنىڭ فىلىپپىندا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئېيتقان ئىدى. بۇ يىل 12-ئۆكتەبىر دۇتتېرت: مەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىگە كېلەر يىللىق فىلىپپىن بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا تەييارلىق قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق بەردىم دېدى بىراق ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە فىلىپپىننىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى بىكار قىلىش ئويى يوق دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر