باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا مۇنبىرى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى ئېچىلدى

2016.11.25 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ياۋروپا مۇنبىرى ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى تۈنۈگۈن گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگتىكى سودا بىناسىدا ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» بىلەن «گېرمانىيە سانائىتى 4.0»نى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق تېمىلاردا مۇنازىرە ئېلىپ باردى.

  ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ پەخرىي رەئىسى، گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى شىرود ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: مەبلەغ سېلىش بىلەن ئېچىۋېتىش گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىنى قوزغىتىدىغان مۇھىم كۈچ، گېرمانىيە جۇڭگودىن كەلگەن مەبلەغ سالغۇچىلاردىن مۇداپىئەلىنىش پوزىتسىيەسىدە بولماسلىقى كېرەك. گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچلىرىنى يەنىمۇ قېزىپ، تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىدۇ.

  گېرمانىيە ھامبۇرگ سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنداق دېدى: ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشى، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە كىردى، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى. ھامبۇرگ باشلىقلار يىغىنى مۇھىم بىر سۆزلىشىش سەھنىسى بولۇش سۈپىتىدە ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر