خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- ئاينىڭ 24-كۈنى، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئادانا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا، ئۆت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ساقچىلار پارتلاش نەقمەيدانىدا ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدىكى ئادانا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت خىزمەت بىناسىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا شۇ جاي ۋاقتى 24-نويابىر سائەت سەككىز ئەتراپىدا پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، ئىككى كىشى قازا قىلدى، 16 كىشى يارىلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى