خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا تۇرسۇن ئۇيغار خەۋىرى) ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى بۈيۈك چوققا، مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق ئەدىب، پىروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئالىملىق نۇرانە ئوبرازى ئۈچۈن ئىشلەنگەن، جۈملىدىن ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» ناملىق كىتابى شىنجاڭ مەدەنىيەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
بۇ كىتابقا مۇنەۋۋەر زىيالىيلاردىن ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان، مېڭ چىبى، لۇ لۇلو، ئابدۇكېرىم راخمان، ئابدۇقادىر جالالىدىن، يالقۇن روزى، نۇرمۇھەممەت ئېركى، ئوسمان ئىسمائىل تارىم، غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر، كۈرەش مەھمۇتجان رەئىسى قاتارلىقلارنىڭ ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، سىزنى چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى