باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدىكى قىسمەن شتاتلار قايتا بىلەت ھېسابلىدى

ترامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىغا قايىل بولمىدى

2016.11.28 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتوننىڭ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى 26-نويابىر مۇنداق دېدى: ھىلارى كوللېكتىپى ئۆكتىچى پارتىيە يېشىل پارتىيەسىنىڭ نامزاتى جىل ستېىن قوزغىغان ۋىسكونسىن شتاتىنىڭ بىلەت سانىنى قايتىدىن ھېسابلاشقا قاتنىشىدۇ. ھازىر، ھىلارى ترامپتىن 2 مىليوندىن ئارتۇقراق سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ترامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى.

  ھىلارى سايلام رىقابىتى كوللېكتىپىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى مارك ئېلىئاس شۇ كۈنى «ۋاسىتىچى» تور پونكىتىدا مۇنداق دېدى: ھىلارى كوللېكتىپى بىلەت تاشلاش نەتىجىسىنى باشقۇرىدىغان ھېچقانداق قەستكار قىلمىشى ياكى تاشقى سۇيىقەستنى بايقىمىدى، لېكىن باشقا ئۈچىنچى پارتىيە سايلام بېلىتىنى قايتا ھېسابلاشنى ئىلتىماس قىلسا، ھىلارى كوللېكتىپى قاتنىشىشنى خالايدۇ.

  بۇنىڭغا قارىتا، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ترامپنىڭ كوللېكتىپى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ستېىننىڭ مەملىكەت بويىچە ئېرىشكەن سايلام بېلىتى %1كىمۇ يەتمەيدۇ، قايتا بىلەت ھېسابلاش ئۇنىڭ پۇل يىغىش ئۈچۈن چىقارغان «ئالدامچىلىقى».

  سىتېىن 24-نويابىر ۋىسكونسىن شتاتىدا قايتا بىلەت ھېسابلاشنى ئىلتىماس قىلدى. ۋىسكونسىن شتاتى سايلام ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قايتا بىلەت ھېسابلاش خىزمىتى مىننەتدارلىق بايرىمىدىن كېيىنكى بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ، چىقىمنى سىتېىن سايلام رىقابىتى كوللېكتىپى ئۈستىگە ئالىدۇ. ستېىن يەنە 2 مىليون 500 مىڭ دوللار يىغسا، سايلام رىقابىتى كوللېكتىپىنىڭ يەنە پېنسىلۋانىيە شتاتى ۋە مىچگان شتاتىدا قايتا بىلەت ھېسابلاشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئېلىئاس 26-نويابىر مۇنداق دېدى: ئۆكتىچى پارتىيە يېشىل پارتىيەسى بۇ ئىككى شتاتتىمۇ قايتا بىلەت ھېسابلىسا، ھىلارى كوللېكتىپىمۇ قاتنىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر