باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موسۇل شەھىرى قورشاۋغا ئېلىندى

«ئىسلام دۆلىتى»نىڭ تەمىنات سېپى ئۈزۈۋېتىلدى

2016.11.25 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراق بىرلەشمە ئۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە شىئە مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتى 23- نويابىر، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، كۇرد قوراللىقلىرى، شىئە مەزھىپى ۋە سۈننىي مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىدىن تەشكىللەنگەن ھەر قايسى قوراللىق كۈچلەرنىڭ موسۇل شەھىرىنى تۆت تەرەپتىن قاتمۇقات قورشىۋالغانلىقىنى، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ سۇرىيەگە بارىدىغان ھالقىلىق تەمىنات سېپىنىڭمۇ ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىراق ھۆكۈمىتى قوللىغان شىئە مەزھىپى خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن «خەلق سەپەرۋەرلىك ئارمىيەسى» ۋە ئىراق بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق ئىشتابىمۇ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ ئەڭ يېڭى ئۇرۇش خەۋىرىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نۆۋەتتە موسۇل شەھىرىگە سۇقۇنىۋالغان «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرىنىڭ تەخمىنەن 3000دىن 5000غىچە ئادىمى بار بولۇپ، شەھەر سىرتىدىكى مۇداپىيەدە تەخمىنەن 1500دىن 2500گىچە ئادەم بار ئىكەن. ۋاھالەنكى، موسۇل ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىراقلىق ھەرقايسى تەرەپ كۈچلىرىنىڭ 100مىڭ ئادىمى بار ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر