باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مېيىپلەر بۇيۇملىرى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىدىن تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدۇ

2016.11.25 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24- نويابىر مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە قۇراشتۇرىدىغان كارخانىلاردىن كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

  مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ماس كېلىدىغان ئاھالىلەر كارخانىلىرىدىن كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى: مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە قۇراشتۇرىدىغان ھەمدە خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «جۇڭگو مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇيۇملار تىزىملىكى» دائىرىسىدە بولغان؛ كارخانا ئىشلەپچىقارغان ياكى قۇراشتۇرغان مېيىپلەر ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى سېتىشنى ئاساس قىلغان، مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى سېتىشتىن ئېرىشكەن يىللىق كىرىمى (ئېكسپورت قىلىشتىن كەلگەن كىرىمنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) كارخانا كىرىمى ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %60تىن يۇقىرى بولغان؛ كارخانىنىڭ ھېسابات- كىنىشكىلىرى تولۇق بولغان، باج باشقۇرۇش تارماقلىرىغا باج تاپشۇرۇش ماتېرىياللىرىنى تولۇق، توغرا تەمىنلەپ بېرەلىگەن ھەمدە مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش ياكى قۇراشتۇرۇشتىن ئېرىشكەن كىرىمىنى ئايرىم، توغرا ھېسابلايدىغان كارخانىلار. كارخانىدىكى سۈنئىي پۇت- قول ياساش ئۇستىسىم تۈزلىگۈچ ياساش ئۇستىسى سالاھىيەت كىنىشكىسى بار مەخسۇس تېخنىك خادىملارنىڭ سانى بىردىن ئاز بولمىغان؛ ئەگەر كارخانىدىكى ئىشلەپچىقارغۇچى خادىملارنىڭ سانى 20دىن ئاشقان بولسا، سۈنئىي پۇت- قول ياساش ئۇستىسىم تۈزلىگۈچ ياساش ئۇستىسى سالاھىيەت كىنىشكىسى بار مەخسۇس تېخنىك خادىملارنىڭ سانى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش خادىملار ئومۇمىي سانىنىڭ ئالتىدىن بىرىدىن ئاز بولمىغان بولۇشى لازىم. كەسىپ بىلەن مۇناسىپ بولغان ئۆلچەپ شەكىل ئېلىش، مودىلنى پىششىقلاپ ئىشلەش، شەكىلگە كەلتۈرۈشنى قۇبۇل قىلىش، سىلىقلاش، قۇراشتۇرۇش، ئىقتىدار مەشقى قاتارلىق مەخسۇس ئەسلىھەلەر ۋە ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە قۇراشتۇرىدىغان؛ مۇستەقىل كۈتۈۋېلىش ئۆيى، سۈنئىي پۇت- قول ياكى تۈزلىگۈچ (ياردەمچى ئۈسكۈنە) ئىشلەش ئۆيى ۋە سۈنئىي پۇت- قول مەشقلەندۈرۈش ئۆيى بار بولغان، ئىشلىتىش كۆلىمى 115 كىۋادرات مېتىردىن ئاز بولمىغان كارخانىلار.

  ئۇقتۇرۇشتا، بۇ ئۇقتۇرۇشتىكى باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كارخانىلار دۆلەتلىك باج باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار قىلىش سىياسىتى ئىشلىرىنى بېجىرىش چارىسى»دىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، باج تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، ئەنگە ئالدۇرۇش ماتېرىياللىرىنى ياخشى ساقلىشى لازىملىقى ئېيتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر