خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈرەتتە: 24-نويابىر تارتىلغان ۋەقە نەقمەيدانى. شۇ كۈنى سائەت يەتتىدىن 40 مىنۇت ئەتراپىدا، جياڭشى ئۆلكىسى يىچۇندىكى فېڭچېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئۈچىنچى قارارلىق كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ D بۆلىكىدىكى سوۋۇتۇش مۇنارىنىڭ ئاسما جاھازىسى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. نەقمەيداندىكى قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلاردىن ئىگىلىنىشىچە، 24- نويابىر سائەت 22گىچە، ۋەقە نەقمەيدانىدا 74 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئىككى كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى جەزملەشتۈرۈلدى. نۆۋەتتە، خىزمەتچى خادىملار ئۆلگەن 68 كىشىنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى بېكىتتى. سالاھىيىتى بېكىتىلگەن ئۆلگۈچىلەر ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى 23 ياشتا، يېشى ئەڭ چوڭى 53 ياشتا. شۇ جايلىق ھۆكۈمەت ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى كۈتۈۋېلىش، تەسەللىي بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى