باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ يانداش تۈزۈمىنى ئېلان قىلدى

2016.11.25 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-نويابىر، 17-قېتىملىق «خەلقئارا ئاياللارغا زورلۇق قىلىشنى تۈگىتىش كۈنى». مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى 24-نويابىر بېيجىڭدا ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شۇجىچۇسىنىڭ 1-شۇجىسى سۇڭ شيۇيەن مۇنداق دېدى: ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇشتا ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  تولۇق بولمىغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 17 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇشنىڭ يانداش تۈزۈمى ۋە سىياسەت ھۆججىتىنى ئېلان قىلغان. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى دەل ۋاقتىدا ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈش بېرىپ، جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقىنى مۇستەقىل دەۋا ئاساسى قىلىشنى بېكىتكەن، نۇرغۇن جايلار جىسمانىي بىخەتەرلىكنى قوغداش بۇيرۇقى چىقارغان. نۇرغۇن جاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى تەنبىھ بېرىش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇپ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا تەنبىھ بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش چارىسى چىقارغان. نۇرغۇن جاينىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، جىنايەتكە چېتىشلىق ئائىلە زوراۋانلىقى قىلمىشىنى قانۇن بويىچە ئەيىبلىگەن. جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى كەنت ئاھالە كومىتېتى، قۇتقۇزۇش باشقۇرۇش ئاپپاراتى قاتارلىقلارنىڭ ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوق ياكى ھەق تەلەپ ئىشلىرىدىكى ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك كىشىلەرنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغاندا، دەرھال دېلو مەلۇم قىلىش ۋە پاناھلىق بېرىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر