باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىرانسىيە قولغا ئالغان گۇماندار فىرانسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى ۋە ساقچى باش ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقىنى ئىقرار قىلدى

2016.11.25 13:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا فىرانسىيە قولغا ئالغان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلغۇچى گۇماندار ساقچىلارغا ئۆزلىرىنىڭ يېقىندا پارىژغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغىماقچى بولغانلىقى، نىشانىنىڭ فىرانسىيە بىخەتەرلىك باش ئىدارىسى بىلەن فىرانسىيە ئەدلىيە ساقچى باش ئورگىنى ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدى.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، فىرانسىيە ئەدلىيە ساقچى باش ئورگىنى قاراۋۇل ئورنىنى كۆپەيتكەن ھەمدە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا پىلىموت قاتارلىق قوراللارنى سەپلەپ بەرگەن.

  21- نويابىر فىرانسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى كازېناف مۇنۇلارنى جاكارلىدى: فىرانسىيە ساقچىلىرى 19-نويابىر كەچتە ئىستراسبۇرگ بىلەن مارسېلدا يەتتە تېررورچى گۇماندارىنى قولغا ئېلىپ، ئۇزۇندىن بۇيان پىلانلانغان تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش سۇيىقەستىنى بىتچىت قىلدى. ئۇ: فىرانسىيە دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى مىسلىسىز دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر