باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 96 ئورۇندا زور ۋە غايەت زور تىپتىكى كان ياتمىسى بايقالدى

2016.11.25 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 23- نويابىر ئېچىلغان شىنجاڭ ‹‹358›› گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: شىنجاڭ گېئولوگىيەلىك كان ئىزدەش خىزمىتىدە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، كۆمۈر ۋە تۆمۈر قاتارلىق كان مەھسۇلاتلىرىنى ئاساس قىلىپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىق زاپىسى يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيان تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بايلىقى زاپىسىنىڭ ئىككىدىن 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. يېقىندا 96 ئورۇندا زور ۋە غايەت زور تىپتىكى كان ياتمىسى بايقالدى.

  2008- يىلى، دۆلەت زېمىن بايلىقى مىنىستىرلىقى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، «ئۈچ يىلدا قىلغان ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى چىقىرىش، بەش يىلدا كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان نەتىجە قازىنىش، سەككىز يىلدا كىشىنى روھلاندۇرىدىغان زور ئۈنۈم يارىتىش كېرەك»تىن ئىبارەت بۇ نىشان ۋە تەلەپ بويىچە، «358»تۈرىنى يولغا قويدى. «358»تۈرى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ۋە ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك بايلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر