باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامنى پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرايلى

−−قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا (2)

2016.11.25 16:04         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدىگەن شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى. يېڭى مۇساپە، يېڭى بۇرچنى تاماملاش ئۈچۈن، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن تۈرلۈك زور تەدبىرلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىشتە ئاچقۇچ پارتىيەدە، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ھەممىدىن مۇھىم. ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا «ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىردەك ئىرادىسى، بىردەك ھەرىكىتى، ماس قەدەمدە بىردەك ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى» ئىكەنلىكى، «قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش»، «ئىنتىزام ئالدىدا ھەممە كىشى باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش»، «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلىش ۋە قوغداش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىش» زۆرۈرلۈكى تەكىتلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىدىن ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزامنى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەي، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، مېۋە بەرگۈزۈش تەلەپ قىلىندى.

  ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا پارتىيە بەلگىلىمىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە بەلگىلىمىسى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى دائىملاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى غايە ۋە ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، پارتىيە بەلگىلىمىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىدىغان ئىدىيەۋى ئاڭ ۋە ھەرىكەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكە پائال يېتەكلەش كېرەك. ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىنتىزامنى ئۆلچەم قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆلچەپ، تۈرلۈك ئىنتىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى قەتئىي تۈزىتىش ھەم تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك. نازارەت قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىدىغان «تۆت خىل ھالەت»نى پائال ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەرز ۋە پاش قىلىنغان مەسىلىلەرنى باستۇرۇپ قويماسلىق، ئىنتىزامنى تەكشۈرۈشتە «قەتئىي يول قويماسلىق»، ئەرزلەرنى قايتا تەكشۈرگەندە «خاتالىق سادىر قىلماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق بولۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، ھېچكىمگە ئۇۋال قىلماسلىق، ھېچكىمگە يول قويماسلىق كېرەك.

  ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي بەلگىلىمىلەرنى چىڭىتىش كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشنى جان تومۇر دەپ بىلىپ، 1 - ئورۇنغا قويۇپ «تۆت ئاڭ»، بولۇپمۇ يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن - ئاخىر بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە فاڭجېن، سىياسەتلىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلىپ، ئىدىيە، سىياسىي ۋە ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلغانلار، ھەتتا بۆلگۈنچىلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئۇلار بىلەن ئېغىز - بۇرۇن يالاشقانلار بايقالغان ھامان قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش، ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىق كېرەك. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 -، 5 -، 6 - ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش، ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قىزىل سىزىق ۋە تۆۋەن چەكتىن ھالقىغانلارنى ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىش كېرەك.

  ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشتا ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. «شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بولغاچقا، گەرچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە قىلچە ئالاھىدە بولۇۋېلىشقا بولمايدۇ» دېگەن ئىدىيەنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، قەتئىي ئىرادە ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا «ئالاھىدە رايون» ۋە «چەكلەنگەن رايون» بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى بوشاشتۇرماي، «يولۋاس»قىمۇ، «چىۋىن»گىمۇ ئوخشاش زەربە بېرىپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىق، چىرىكلىكنىڭ يامرىشىنى قەتئىي چەكلەش ۋەزىيىتىنى ساقلاش كېرەك. «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈزىتىپ، كادىرلار ئىستىلى دۇرۇس بولماسلىق، سىياسەتتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، خىزمەتتە شەكىلۋازلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، دائىم، ئىنچىكە، ئۇزاققىچە تۇتۇپ، ناچار ئادەتلەرنى تۈزىتىپ، ياخشى ئىستىل يېتىلدۈرۈپ، ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك، تەلەپنى بوشاشتۇرماسلىق، تەدبىرلەرنى ئازايتماسلىق، كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، مىخ روھى بىلەن داۋاملىق كۈچەپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشلارنى ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى قەتئىي چەكلەش ۋە ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئىنتىزامنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇنى ئىجرا قىلىشتا. ئىنتىزام قانچە چىڭ بولغىنى بىلەن ئۇنى ئىجرا قىلمىسا قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؛ تۈزۈم قانچە مۇكەممەل تۈزۈلگىنى بىلەن، ئۇنى يولغا قويمىسا تاشلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بىز مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بايرىقىمىز روشەن ھالدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىنتىزام ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ تۈرلۈك قىلمىشلار ۋە ھادىسىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىناق - ئىتتىپاق، باي - باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر