باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، پۇختا ئىشلەيمىز

−−قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈننى زىيارەت

2016.11.25 16:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى مەخسۇس زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىز ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تولۇپ تاشقان جاسارەت ۋە ئىرادە بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، سىجىل مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە مۇقىم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك مۇقىم قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى قەتئىي چىڭىتتۇق. زېڭ سۈن مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، باش نىشاننىڭ ئاساسىي تەلىپى، مۇھىم تەدبىرلىرىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. بولۇپمۇ كادىرلار ئىستىلىدىكى راستچىل بولماسلىق مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىستىلنى تۈزەپ، تەلەپچان ۋە راستچىل بولماسلىق مەسىلىسىنى يىلتىزىدىن تۈگىتىپ، «قەشقەرنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە»، «قەشقەردە مەسىلە چىقماسلىقى مۇمكىن ئەمەس»، «مەسىلە چىقمىسا قەشقەر بولمايدۇ» دېگەن خاتا تونۇشنى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش ئېڭىنى تېخىمۇ كۈچەيتىمىز. مەسئۇلىيەتنى ئىش ئورنى، ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشمىگەن ئىش، ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن ئادەمنى سۈرۈشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا ھەممە ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇل بولۇش، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتەك خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرىمىز.

  ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا نىشاننى تېخىمۇ توغرىلاش، ۋەزىپىنى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتىش، تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ئىستىلنى تېخىمۇ ياخشىلاش، ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك؛ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، مەسىلە ھەل قىلىش ئارقىلىق يېتەكلەش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق يېتەكلەش، ئۈنۈم ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «12345» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى دەل جايىدا، تەرتىپلىك، دائىم تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت بىر باش نىشان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت جان تومۇرغا بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى توغرا ئىگىلەپ، «ئىككىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىك» ۋە «ئىككىگە تېخىمۇ كۈچ سەرپ قىلىش» تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاش؛ «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىپ، «ئۈچ چوڭ ھەرىكەت»نى ياخشى يولغا قويۇش، «ئۈچ مۇھىم نۇقتا»نى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچ چوڭ مەسىلە»نى ياخشى ھەل قىلىش؛ «تۆتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش»؛ «بەش ئاساس»نى پۇختىلاپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  زېڭ سۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاچقۇچ. ۋىلايىتىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ئەڭ مۇھىمى، توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش خىزمىتى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھازىر ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، قوشماقلىشىش، «قوش تىل» يەسلىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يېقىندا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولۇپ ئالتە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ناھىيە، شەھەرلەردە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدۇق. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلىدۇق. بىز پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى تولۇق ئادا قىلىشى، يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سادىق، پاك، دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئاۋانگارتلىق - نەمۇنىلىك رولنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  «ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئەڭ رېئال، ئەڭ تەخىرسىز، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ يىل بويى مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش». زېڭ سۈن مۇنداق دېدى: يىل ئاخىرىغا بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئاتاكىغا ئۆتۈش باسقۇچىغا قەدەم قويدى، قىلچە بوشىشىپ قالساق بولمايدۇ. ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات - تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. كادىرلار ۋە ئامما باشتىن - ئاخىر ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك تاماملىشى؛ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ناھىيە، شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ئاساسلىق زېھنىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل زىممىسىگە ئېلىش، دادىل مەسئۇل بولۇش، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە قارىتىپ، كادىرلار ئىستىلىدىكى راستچىل بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ «دۈشمەن»نى قەتئىي يوقىتىشى كېرەك.

  زېڭ سۈن ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ۋىلايىتىمىز باش نىشانىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنچىكە پىلانلاپ، دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر قاتار تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە قەتئىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم يارىتىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر