باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

10-ئايدا، سانائەت پايدىسى مۇقىم ئاشتى

ئالدىنقى 10 ئايدا كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئاشتى

2016.11.28 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 27-نويابىر ئېلان قىلغان سانائەت كارخانىلىرى مالىيە سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 1-ئايدىن 10–ئايغىچە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.2 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە 10-ئايدىكى پايدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى 9-ئايدىكىدىن 2.1 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان. سانائەت پايدىسىدا مۇقىم ئېشىش ھالىتى ساقلانغان.

  چوڭ تىپتىكى 41 سانائەت كەسپى ئىچىدە، 29 كەسىپنىڭ ئومۇمىي پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىپ، 12 كەسىپنىڭ ئومۇمىي پايدىسى تۆۋەنلىگەن، پايدىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغانلىرى: قارا مېتال تاۋلاش ۋە پرېسلاپ پىششىقلاش سانائىتىنىڭ 3.1 ھەسسە، نېفىت پىششىقلاش، كوكس ۋە يادرو يېقىلغۇسىنى پىششىقلاش سانائىتىنىڭ 2.3 ھەسسە، كۆمۈر ئېچىش ۋە يۇيۇش كەسپىنىڭ ئومۇمىي پايدىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.1 ھەسسە ئاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر