باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەمەت تۇردى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ

2016.11.28 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى مەمەت تۇردى ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  مەمەت تۇردىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  مەمەت تۇردى، ئەر، ئۇيغۇر، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىن، ئىشلەپ تۇرۇپ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1957- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، 1979- يىلى 9- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1976- يىلى 11- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  1977- يىلى 9- ئايدىن 1979- يىلى 9- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە ئوقۇغان؛

  1979- يىلى 9- ئايدىن 1980- يىلى 10- ئايغىچە شىنجاڭ 6- تىرانسپورت شىركىتىنىڭ شوپۇرى بولغان؛

  1980- يىلى 10- ئايدىن 1984- يىلى 8- ئايغىچە شىنجاڭ 6- تىرانسپورت شىركىتىنىڭ كادىرى بولغان؛

  1984- يىلى 8- ئايدىن 1989- يىلى 5- ئايغىچە شىنجاڭ 6- تىرانسپورت شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (ئارىلىقتا: 1985- يىلى 9- ئايدىن 1987- يىلى 7- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇغان)

  1989- يىلى 5- ئايدىن 1992- يىلى 3- ئايغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ كۆمۈر-ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى بولغان؛

  1992- يىلى 3- ئايدىن 1998- يىلى 1- ئايغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ كۆمۈر-ئېلېكتىر شىركىتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  1998- يىلى 1- ئايدىن 2000- يىلى 7- ئايغىچە جەنۇبىي شىنجاڭ كۆمۈر-ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ دىرېكتورى بولغان؛

  2000- يىلى 7- ئايدىن 2007- يىلى 3- ئايغىچە ئاپتونوم رايونلۇق يېزا-بازار كارخانا باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان (ئارىلىقتا: 2001- يىلى 9- ئايدىن 2003- يىلى 9- ئايغىچە داليەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشقۇرۇش ئىلىمى ۋە سانائەت پەنلىرى ئونىۋېرسىتېتىنىڭ باشقۇرۇش ئىلمى ۋە قۇرۇلۇش كەسپىدە ئوقۇغان؛ 2004- يىلى 3- ئايدىن 2004- يىلى 9- ئايغىچە دۆلەت يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېزا-بازار كارخانىلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان؛ 2005- يىلى 9- ئايدىن 2006- يىلى 1- ئايغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ۋىلايەت ۋە نازىر دەرىجىلىك شىنجاڭ سىنىپىدا ئوقۇغان)

  2007- يىلى 3- ئايدىن 2012- يىلى 4- ئايغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت ۋە تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان؛ 2012- يىلى 4- ئايدىن ھازىرغىچە ئاپتونوم رايونلۇق كۆمۈر سانائىتى ئىدارىسى، شىنجاڭ كۆمۈر كان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولغان.

  (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر