باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى توردا تىزىملىتىش خىزمىتى يولغا قويۇلدى

2016.11.28 14:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەگەر ئۇدا ئالتە ئاي خۇسۇسىي تاپاۋەت بېجى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا (بەش خىل سۇغۇرتا) تاپشۇرغان بولسا، بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلارنى تۇراقسىز نوپۇستىكىلەر ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بېجىرگەندە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىنى ئىسپاتلىيالايدىغان كۈچكە ئىگە ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ، مۇخبىرنىڭ 27- نويابىر بېيجىڭ شەھەرلىك ج خ ئورگانلىرىدىن ئىگىلىگەن خەۋىرى.

  يېقىنقى كۈنلەردە، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق، ئۆز رەسمىيەتلىرىگە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتى توغرىسىدىكى ئىككى تۈرلۈك ئىسپاتلىق ماتېرىيالنى قوشتى: ئۇ بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەشكە ياللىنىش تۈپەيلىدىن ئېرىشكەن مائاشىدىن ئۇدا ئالتە ئاي خۇسۇسىي تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغانلىق دوكۇمېنتى، ياكى ئۇدا ئالتە ئاي ئىجتىمائىي سۇغۇرتا (بەش خىل سۇغۇرتا) تاپشۇرغانلىق دوكۇمېنتى، دېگەن ئىككى تۈرلۈك ماتېريال بولۇپ، بۇ ئىككى تۈرلۈك دوكۇمېنت بولسىلا، تۇراقسىز نوپۇستىكىلەر ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى بېجىرگەندە، بۇ خىل ماتېرياللارنى ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىنى ئىسپاتلىيالايدىغان كۈچكە ئىگە ماتېرىيال ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن. بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، توردا ئاپتوماتىك تىزىملاش سىستېمىسى ئېچىۋېتىلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن، ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسىنى توردا ئاپتوماتىك تىزىملاش ۋە مەلۇم قىلىش كەسپى يولغا قويۇلۇپ، ئاممىنىڭ كىنىشكا بېجىرىشىگە ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر