- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «كوللېكتىپ ئورمانچىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقاتتى
2016.11.29 15:55 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «كوللېكتىپ ئورمانچىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ، كوللېكتىپ ئورمانچىلىق ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى خىزمىتىنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى.
كوللېكتىپ ئورمانچىلىقنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «پىكىر» دە كوللېكتىپ ئورمانچىلىق تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
كوللېكتىپ ئورمانلىقنى ھۆددىگە ئېلىش مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش جەھەتتە، «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى بىر تۇتاش باشغقۇرۇپ تىجارەت قىلىدىغان ئورمانلىقتا پاي ھەمكارلىق تىجارىتى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش؛ ئورمان ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەنى قوغاداشقا زۆرۈر بولغاندا، بازارلاشتۇرۇش شەكلىنى قوللىنىپ ئورمانچىلىق ھوقۇقدارلىرىغا تولۇقلىما بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەپ ھەل قىلىش؛ توختاملىشىپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر