خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 28-نويابىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن لائوس زۇڭلىسى توڭلۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-لائوس دوستانە ئىناق قوشنا دۆلەت، ئىككى تەرەپ باشتىن ئاخىر ئۆز ئارا ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ياخشى ئالاقە ھەمكارلىقنى ساقلىدى. جۇڭگو كونا دوستلۇق سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، لائوسنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، لائوس بىلەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداشنى خالايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى