28-نويابىر جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز-ئوكيان قۇتقۇزۇش پاراخوتى «شەرقىي دېڭىزدا قۇتقۇزۇش 102» فۇجۇدا ئاممىغا ئېچىۋېتىلدى. «شەرقىي دېڭىزدا قۇتقۇزۇش 102» ناملىق پاراخوت قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى شەرقىي دېڭىز قۇتقۇزۇش ئىدارىسىنىڭ ھاۋارايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان يىراق ئوكيان قۇتقۇزۇش پاراخوتى بولۇپ، پاراخوت ئۇزۇنلۇقى 127 مېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي تونناژى 5400 توننىدىن ئاشىدۇ، بۇ پاراخوت نۆۋەتتىكى مەملىكىتىمىز بويىچە ئۆلچىمى ۋە تونناژى ئەڭ چوڭ، قوزۇقىنىڭ سۆرەش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان دېڭىز-ئوكيان كەسپىي قۇتقۇزۇش پاراخوتى.