باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھوللاندى كۇباغا يۈرگۈزۈلگەن قامالنى بىكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.11.29 14:42         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ماداغاسقار 16-نۆۋەتلىك فىرانسۇز تىللىق دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 26-نويابىر كۇباغا قارىتىلغان قامالنى بىكار قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ھوللاندى فىرانسۇز تىللىق دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىرانسىيە ئىزچىل كۇبانى ھەمكارلىق شېرىكىم دەپ قاراپ كەلمەكتە، قامال قىلىش بۇيرۇقى پۈتۈنلەي بىكار قىلىنىشى كېرەك. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۇباغا قارىتىلغان قامال بىكار قىلىنسا بۇ دۆلەتكە ئېچىۋېتىلگەن ھەمدە مۇكەممەل بولغان خەلقئارا جەمئىيەتكە قايتىپ كېلىش پۇرسىتى تۇغۇلىدۇ. ھوللاندى ئۆتكەن يىلى مايدا كۇبادا زىيارەتتە بولۇپ، كۇبا بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم كۇبادا زىيارەتتە بولغان غەربتىكى چوڭ دۆلەت رەھبىرى بولۇپ قالغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر