باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيادىكى ئون مەشھۇر پەن-تېخنىكا سارىيى

2016.11.29 14:44         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پەن – تېخنىكا سارايلىرى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ۋە ئىلىم – پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى پەن – تېخنىكا سارىيى سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن قۇرۇلغان بولۇپ، سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پار ماشىنىسى، پاراۋۇز ۋە پاراخوت قاتارلىقلارنىڭ بارلىققا كېلىشى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. ئىنسانىيەتنىڭ بۇ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە پەن – تېخنىكا سارايلىرى بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.

  1. پارىژ ئىلىم – پەن ۋە سانائەت شەھىرى

  پارىژ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان ‹‹ۋىللېت ئىلىم – پەن ۋە سانائەت شەھىرى›› دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئېكسكۇرسىيەچىلەر سانى ئەڭ كۆپ بولغان پەن – تېخنىكا سارىيى، شۇنداقلا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەركىزى. ئۇ ئەنئەنىۋى مەنىدىكى مۇزېي بولماستىن، بەلكى ئويۇن ئويناش شەكلىدىن پايدىلىنىپ ھازىرقى زامان ئىلىم – پېنى ۋە تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرىدىغان كاتتا مەيداندىن ئىبارەت.

  2. لوندون ئىلىم – پەن مۇزېيى

  1909 – يىلى قۇرۇلغان لوندون ئىلىم – پەن سارىيى 1857 – يىلى قۇرۇلغان جەنۇبىي كېنسىڭتون مۇزېيى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دۇنيادا ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى پەن – تېخنىكا مۇزېيى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەرگە پەن – تېخنىكا تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان نۇرغۇن ئەمەلىي بۇيۇملار قويۇلغان، بولۇپمۇ ئەنگلىيەنىڭ سانائەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى تېخىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا، بۇ مۇزېي يەنە ‹‹سانائەت ئىنقىلابى مۇزېيى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

  3. شاڭخەي پەن – تېخنىكا سارىيى

  شاڭخەي پەن – تېخنىكا سارىيى 2001 – يىلى قۇرۇلغان ھەم ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، پەن – تېخنىكا سارىيى، ئاسترونومىيە سارىيى ۋە تەبىئەت مۇزېيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ ‹‹تەبىئەت. ئادەم. پەن – تېخنىكا››نى ئاساسىي كۆرگەزمە تېمىسى قىلىدىغان پەن – تېخنىكا سارىيىدۇر. بۇ يەر يەنە يەرلىكنىڭ داڭلىق نامايەندە خاراكتېرلىك مەنزىرە ئورنى بولۇپ، ھەر يىلى 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ جەلپكار پەن – تېخنىكا سارىيىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

  4. چىكاگو ئىلىم – پەن ۋە سانائەت مۇزېيى

  چىكاگو ئىلىم – پەن ۋە سانائەت مۇزېيى 1933 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزاق، كۆلىمى ئەڭ چوڭ زامانىۋى پەن – تېخنىكا سارىيى. بۇ ئورۇندىكى بەزى ئېكسكۇرسىيە بۇيۇملىرىنىڭ چوڭلۇقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيەنىڭ چۆكمە پاراخوتى، بوئىن ئايروپىلان، ئامېرىكا ئالەم ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇسى، كان قۇدۇقى ۋە پۈتۈن پويىز دېگەندەك. مۇزېي تاماشىبىنلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، نۇرغۇن تۈرلەردە تاماشىبىنلار بىۋاسىتە ئۆزى قول سېلىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدۇ.

  5. بوستون ئىلىم – پەن مۇزېيى

  ئامېرىكىدىكى ‹‹ئەڭ قەدىمكى شەھەر›› بوستونغا جايلاشقان، ئۇزاق تارىخقا ئىگە بوستون ئىلىم – پەن مۇزېيى 1830 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دۇنيادىكى داڭلىق مۇزېيلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇزېيغا قويۇلغان يېقىنقى زامان ئىلىم – پېنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرى، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئامېرىكىنىڭ پەن – تېخنىكا تەرەققىيات ماتېرىياللىرى كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

  6. ئونتارىئو ئىلىم – پەن مەركىزى

  كانادانىڭ تورونتو شەھىرىگە جايلاشقان ئونتارىئو ئىلىم – پەن مەركىزى كانادا دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، 1976 – يىلى سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن. پەن – تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن مۇزېيلار تىنچ ھالەتتە نامايان قىلىشتەك ئەنئەنىۋى شەكىلدىن ۋاز كېچىپ، ھەر خىل يېڭى تېخنىكىلارنى قوللىنىش ئارقىلىق تاماشىبىنلارنى ئىلىم – پەن پىرىنسىپلىرىنى ئۆگىنىشكە، تېخنىكىنىڭ رولىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلىمەكتە. ئونتارىئو ئىلىم – پەن مەركىزى دەل مۇشۇ تۈردىكى مۇزېيلار ئىچىدە ناھايىتى مەشھۇر سانىلىدۇ.

  7. گېرمانىيە مۇزېيى

  1903 – يىلى قۇرۇلغان گېرمانىيە مۇزېيى نۆۋەتتە ياۋروپادىكى ئىلىم – پەن مۇزېيلىرى ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئىلىم – پەن مۇزېيىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مۇزېي ميۇنخېن شەھىرى ئىسار دەرياسىدىكى بىر ئارالغا سېلىنغان بولۇپ، كۆرگەزمە بۇيۇملىرى 28 مىڭغا يېتىدۇ، 50 نەچچە پەن – تېخنىكا ساھەسىگە چېتىلىدۇ. پاراخوت ۋە چۆكمە پاراخوتقا ئىگە دېڭىز قاتنىشى سارىيى ۋە ئايروپىلانغا ئىگە ھاۋا قاتنىشى (ئاۋىياتسىيە) سارىيى بۇ ئارالنى ھەقىقىي مەنىدىكى مۇزېي ئارالغا ئايلاندۇردى.

  8. كالىفورنىيە ئىلىم – پەن مەركىزى

  لوس ئانژېلىسقا جايلاشقان كالىفورنىيە ئىلىم – پەن مەركىزى ئەسلىي كالىفورنىيە كۆرگەزمىخانىسى بولۇپ، 1951 – يىلى كالىفورنىيە ئىلىم – پەن ۋە سانائەت مۇزېيىغا، 1987 – يىلى رەسمىي ھالدا كالىفورنىيە ئىلىم – پەن مەركىزىگە ئۆزگەرتىلگەن. كالىفورنىيە ئىلىم – پەن مەركىزى ھازىر ئامېرىكىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئەڭ چوڭ ئىلىم – پەن مەركىزى بولۇپ، ‹‹ئىلگىرىلەش›› ناملىق ئالەم ئايروپىلانى بۇ يەرنىڭ ‹‹ساراي گۆھىرى›› بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  9. موسكۋا ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مۇزېيى

  1872 – يىلى قۇرۇلغان موسكۋا ئۇنىۋېرسال تېخنىكا مۇزېيى ئەينى چاغدىكى رۇسىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇنىۋېرسال تېخنىكا كۆرگەزمىسى ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇزېيلارنىڭ بىرى شۇنداقلا رۇسىيەدىكى ئەڭ قەدىمكى پەن – تېخنىكا مۇزېيى ھېسابلىنىدۇ. مۇزېينىڭ كۆرگەزمە بۇيۇملىرى دۇنيانىڭ ۋە رۇسىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىللەردىكى پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بولۇپمۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى، ماشىنا ياساش، سىمسىز رادىيو ۋە ئالەم ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

  10. بەيېرخوئوس مۇزېيى

  بەيېرخوئوس مۇزېيى ئاۋسترالىيەدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان مۇزېيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى 100 نەچچە يىللار بۇرۇنقى تىرامۋايلارنى توك بىلەن تەمىنلەيدىغان تاشلاندۇق زاۋۇت بىناسى ئاساسىدا باشلىنىپ، 1988 – يىلىغا كەلگەندە تاماملانغان، ھازىر سىدنېي شەھىرىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. كۆرگەزمە بۇيۇملىرى 200 توننا ئېغىرلىقتىكى پاراۋۇز، ھەجمى غايەت زور دىرىژابېل ۋە بىر رەسەتخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر