سۈرەتتە: 28- نويابىر، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە جۇڭگو ئىسلام دىنى 10- قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ 28- نويابىر خەلق سارىيىدا جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى، ھەمدە جۇڭگو ئىسلام دىنى 10- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
يۈ جېڭشېڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، جۇڭگو ئىسلام دىنى 10- قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، يىغىنغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى ۋەتەننى سۆيۈش ۋە دىننى سۆيۈش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، كۈچنى توپلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى