باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدىكى بىر تۈركۈم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

ئاكادېمىك بولغۇڭىز بولسا ئەمەلدار بولماڭ

2016.11.29 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، زۇڭلى مېدۋېدېۋ 28-نويابىر ئايرىم-ئايرىم بۇيرۇق ئىمزالاپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئىلمىي مائارىپ مىنىستىرلىقىدىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى. رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى ئۇلارنىڭ رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياكى مۇخبىر ئاكادېمىكى سايلىمىغا قاتناشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

  پۇتىن 2015-يىلنىڭ ئاخىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىك سايلىمىغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى بۇ يىل 10-ئايدا سايلام ئۆتكۈزگەندە، رۇسىيەدىكى قىسمەن ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى سايلامغا قاتناشقان ۋە ئاكادېمىك بولۇپ سايلانغان. پۇتىن 23-نويابىر زۇڭتۇڭ ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ كومىتېتى خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: بۇ «چوڭ ئالىملار» تەتقىقات خىزمىتىنى ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىن مۇھىم دەپ قارىسا، ئۇلارنىڭ مەخسۇس پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قوشۇلىمەن، دۆلەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلمىسىمۇ بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر