باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، مائارىپ، تەربىيەلەش ساھەلىرىنىڭ ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقاتتى

2016.11.29 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، مائارىپ، تەربىيەلەش ساھەلىرىنىڭ ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقىتىپ، ئىچكى ئىستېمالنى بولۇپ ساياھەت، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساغلاملىق، كۈتۈنۈش، مائارىپ، تەربىيەلەش قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىستېمالى سىجىل مۇقىم ئېشىپ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ئايلىنىشى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىشىدە ئاساسىي رولىنى جارى قىلدۇردى. ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىستېمال ساھەسىنىڭ بولۇپ مۇلازىمەت ئىستېمالى ساھەسىنىڭ ئۈنۈملۈك تەمىناتى، يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاشنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈشكە پايدىلىق. تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر خىل تۈزۈلمە-مېخانىزم توسالغۇسىنى تۈگىتىپ، بازار ئىجازىتىنى قويۇۋېتىپ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى ياخشىلاپ، گۈللەنمە ئىستېمالنى پائال كېڭەيتىش، ئەنئەنىۋى ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇش، يوشۇرۇن ئىستېمالنى قېزىپ چىقىش كېرەك.

  «پىكىر»دە ئۈچ جەھەتتىن ئىستېمالنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، بەخت كەسىپلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، سىغىمىنى كېڭەيتىش. ئىككىنچى، ئەنئەنىۋى ماددىي ئىستېمالنى كېڭەيتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زو كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش. ئۈچىنچى، ئىستېمال بازىرى مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر