باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فىلىپپىن جۇڭگولۇقلارغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى يولغا قويماقچى

2016.11.29 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  فىلىپپىن ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: فىلىپپىنغا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش مۇمكىنچىلىكىنى تەتقىق قىلماقتا. فىلىپپىن ساياھەت مىنىستىرلىقى پىلان تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ماۋلانى تاراتقۇلارغا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگودا ساياھەتچىلەر كۆپ، ئۆتكەن يىلى جۇڭگودىن چەتئەللەرگە چىققان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 120 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى، فىلىپپىنغا كەلگەنلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 491 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىلا ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ۋىزا مەسىلىسى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ فىلىپپىندا ساياھەتتە بولۇشنى تاللىماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. جۇڭگولۇق نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تايلاند، مالايشىيا، سىنگاپور قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى ياكى چېگرادىن ئۆتىدىغان چاغدا ۋىزا بېجىرىشنى يولغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر