باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا: سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار قىچا گازى توپى ئىشلەتكەن دېيىلدى

2016.11.29 14:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 26-نويابىر تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدە تۇرۇشلۇق تەكشۈرۈش خادىملىرى سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ھەلەپ شەھىرىگە يېقىن ئەتراپتا قولغا چۈشۈرگەن ماددىي ئىسپاتلاردىن ئايان بولۇشىچە، سۇرىيەدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار بۇ يىل سېنتەبىردە خىمىيەلىك قورال قىچا گازى توپ ئوقى ئىشلەتكەن. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: بۇ يىل سېنتەبىردە ھەلەپ شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى بىر ھەربىي لاگېرنىڭ ئەتراپى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارنىڭ توپ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 40دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى، قىسمەن يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىدىن ھېرىپ كېتىش خاراكتېرلىك زەھەرلىك گازنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى ئايان بولدى. رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى يادرو، خىمىيەلىك بومبا، خىمىيەلىك قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش قىسمىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ئارقىدىن توپ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان نەق مەيداننى تەكشۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر