باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تېرىلغۇ يەرلەرنى دەم ئالدۇرۇپ تېرىشنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى كېمەيتىشكە بولغان تەسىرىنى «تىزگىنلەش» نى ئوتتۇرىغا قويدى

2016.12.01 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. تېرىلغۇ يەرلەرنى دەم ئالدۇرۇپ تېرىش ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېزا ئىقتىسادىي خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ شياۋ 30- نويابىر مۇنداق دېدى: مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، تېرىلغۇدىن قايتۇرۇش ۋە تېرىلغۇ يەرلەرنى دەم ئالدۇرۇپ تېرىش يىلىغا ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 15 مىليون توننا ئاشلىق مەھسۇلاتىنى كېمەيتىشكە بولىدىغان تەدىر بولۇپ، بۇنى تامامەن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق سەككىز تارماق يېقىندا بىرلىشىپ «تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق، دەريا، كۆللەرنى دەم ئالدۇرۇش پىلانى (2016-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە)» نى بېسىپ تارقىتىپ، 2020- يىلى ۋە 2030- يىلىغىچە، ئېلىمىزنىڭ تېرىلغۇ يېرى، ئوتلاق، دەريا،كۆللىرىنى تەرتىپلىك دەم ئالدۇرۇش نىشانى ۋە خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ۋۇ شياۋ شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقىنى قاتتىق ساقلاپ، تېرىلغۇ يەر سانىنىڭ ئازىيىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش ۋە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى بىرلىك مەھسۇلات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئاشلىق بىخەتەرلىكىدە كاپالەت خاراكتېرلىك رول ئوينايدۇ. 15 مىليون توننا مەھسۇلات يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئاشلىق ئوتتۇرىچە يىللىق مەھسۇلاتىنىڭ %2.5 ىدىن تۆۋەن بولۇپ، ئاشلىق بىلەن تەمىنلەشكە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ھەم بۇنى تامامەن تىزگىنلىگىلى بولىدۇ، بۇمۇ تېرىلغۇ يەرلەرنى دەم ئالدۇرۇپ تېرىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر