باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا مۇددەتتىن بۇرۇن قىزغۇچ سېرىق سىگنال ئېلان قىلىندى

مۆلچەرلىنىشىچە، 2-نويابىردىن 4-نويابىرغىچە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش كۆرۈلىدىكەن

2016.12.01 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2-نويابىردىن 4- نويابىرغىچە، شىمالىي جۇڭگو رايونىنىڭ ھاۋارايى تۇراقلىشىپ، بۇلغىنىشنىڭ تارقىلىش شارائىتىغا نىسبەتەن پايدىسىز بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىش كۆرۈلىدىكەن. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ تەدرىجىي ئۆرلەپ، تەتۈر تېمپېراتۇرا كۈچىيىپ، نەملىك دەرىجىسى ئېشىپ، ھاۋارايىنىڭ شارائىتى بۇلغىنىشنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە بىر قېتىم ئۇدا بۇلغىنىش كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2-، 3-، 4- نويابىر ئېغىر بۇلغىنىش ھالىتىگە يېتىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھىرى «بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، 1-دېكابىر سائەت 8دە، جەمئىيەتكە سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئالدىن ئېلان قىلدى، قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك سىگنال جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى 2-دېكابىر سائەت 0دىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 4-دېكابىر كېچىدىن باشلاپ سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە، ھاۋا سۈپىتى تەدرىجىي ياخشىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر