خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يولداش جۇ دې تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش −− پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئىنقىلابچىلار ۋە مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئىنقىلابىي ئەجدادلارنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرەش ۋە ئىزدىنىش نىشانى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىنقىلابىي ئەجدادلار بەرپا قىلغان ئۇلۇغ ئىشلارنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ شانلىق، پارلاق ئەتىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش جۇ دې 70 يىلغا يېقىن ئىنقىلابىي ھاياتىدا، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبە قازىنىشى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئازادلىق ئىشلىرى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۆچمەس تۆھپە يارىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھىمايىسى ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن. يولداش جۇ دېنىڭ ئۆمۈرلۈك كۈرەش مۇساپىسىدە نامايان قىلغان ئىدىيەۋى ئەخلاقى ۋە روھىي خىسلىتى −− پارتىيە ۋە خەلقنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى