باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئېلىمىزدە ئەيدىز كېسىلىىنىڭ تارقىلىشىنى داۋاملىق ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە تىزگىلەشنى تەكىتلىدى

2016.11.30 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى مىنستىرلار بىرلەشمە يىغىنىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى ۋە گوۋۇيۈەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى كومىتېتى 3-يىغىنى 29-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىندا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەيدىز قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش-خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، رايونلار، تارماقلار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەلەشتۈرۈش كېرەك. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا، ب د ت نىڭ 2030-يىلى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى تۈگىتىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەشۋىق-تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئۇنىۋېرسال مۇداخىلىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى، تەكشۈرۈش، مەسلىھەت بېرىشنىڭ ئىنتېگراللىقى، داۋالاشتىن كېيىنكى يوقلاش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قان سۇيۇقلۇقى يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش، ئانىدىن ھامىلىگە يۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇتقۇزۇش-داۋالاش-ياردەم بېرىش قاتارلىق سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دورىلارنى تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پىدائىيلارنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئەڭ تۆۋەن چەكتە تىزگىنلەپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، مەملىكەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يىغىنىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر سەھىيە ۋە ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ ساغلاملىق، چوڭ سەھىيە ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مېخانىزمى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەمەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىپ، بىرلىشىپ تىزگىنلەپ، ئېغىر كېسەللىكلەر ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، جۇڭگوچە جامائەت سەھىيە بىخەتەرلىك توسۇقى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بەخت-سائادىتى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر