باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ تەشۋىق قىلىش ئۆمىكى تۇرپان، ئاقتۇدا تەشۋىقات ئېلىپ باردى

2016.11.30 15:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ «ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش» بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىپ تەشۋىق قىلىش - دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تۇرپان شەھىرى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئاساسىي تېمىدا تەشۋىقات ئېلىپ باردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې پىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرېھىم خالىق تۇرپان شەھىرىدە خەنزۇ تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىدا؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئادىل ئېلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دىڭ شۇچىڭ ئاقتۇ ناھىيەسىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە خەنزۇ تىلىدا تەشۋىقات دوكلاتى بەردى.

  تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، «مىزان»، «نىزام»نىڭ ئاساسىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى؛ ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى يېتەكچى ئىدىيە، خىزمەت تەلىپى، كۈرەش نىشانىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى.

  تەشۋىقات دوكلاتى ئاڭلىغۇچىلارنى تەسىرلەندۈردى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يىغىن ۋە قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  تۇرپان شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بەن شاۋفېڭ مۇنداق دېدى: تەشۋىقات دوكلاتىنى ئاڭلاپ، «مىزان»، «نىزام» ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا تېخىمۇ ئەتراپلىق، سىستېمىلىق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇق. يىغىن ۋە قۇرۇلتاي روھىنى قەلبىمىزگە، مېڭىمىزگە سىڭدۈرۈپ، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ بازىرى مۇزتاغ يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جۇ جۈن مۇنداق دېدى: تەشۋىقات دوكلاتىدىن كۆپ تەسىراتلارغا ئېرىشتۇق، يىغىن ۋە قۇرۇلتاي روھىغا بولغان چۈشەنچىمىز يەنىمۇ ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ جانلىق ئۇسۇللار بىلەن يىغىن ۋە قۇرۇلتاي روھى،پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى يۈز تۇرا تەشۋىق قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر